🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊 @dawatlar99 Channel on Telegram

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

@dawatlar99


🌻.بۇ توپتا ھەم قېنى ۋە جېنى بىلەن ئىسلامنى ھىمايە قىلۋاتقان ۋە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدسگە ۋاپا قىلپ شاھادەت شەرپگە نائىل بوپ كەتكەن سادىقلارنىڭ دەۋەتلرى ۋە PDF كتاپلار بار🌻
تەكلىپ پىكىر ئۈچۈن بۇ....

🔊نادىر دەۋەتلەر (Uzbek)

🔊نادىر دەۋەتلەر Telegram канали - بۇ چاينىڭ چىقىنچى قىزىقارلىق ۋە جانۇنچى خۇشاللارنى ھېرقانداق ئىسلام تىلىدا دەۋەت قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ۋاعزتىغا ۋاپا ھېسىل قىلغان شاھادەتنىڭ تەرقىياتقان ھەرقايسى سادىقلارنىڭ دەۋەتلىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ. بۇ كانالدا PDF كىتابلار ۋە ئىسلامىي مەزمۇنلار بار. دەۋەت ئىجازەتىغا ئىگە ۋە ئىمانچىلارنىڭ كونا تەجلەتلەرىگە قۇلۇپ قويۇشقا توغرا كۆرۈنىدۇ. اۇچۇرنىڭ مەزمۇنى، نىمە بولىشى، نېمىدىن ئىبارەت؟ بۇ چايانىڭ ماقىسى ۋە مەقسەدى ھەرڭا بار. نادىر دەۋەتلەر چايانىڭ سادىقلارنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئۇچۇرى بولۇپ، جۇڭ ھېسىياتى بىلەن چىرۋاي، زۇهۇر بىرلىرى بىلەن شاھادەت قىلغان دەۋەتلەرنى قاتارلايدۇ. بۇ كانالغا قوشۇلغان، ئەقىللىق ۋە ئىمانچى شەخسلىرنىڭ يۇقۇپ رەسىملىرى ۋە فوتوسۇرەتلىرى پەيدا بولىدۇ. بۇ توسقا چىقمىغىچە بولۇپ، ئىسلامنىڭ ئۆزىگا چۈشنىشى ۋە ھىكمىتلىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ. نادىر دەۋەتلەر كانали ئۆزى تېز ئاۋاز بىلەن تۈرگۈزگۈچىلىكتە ئەلالاندۇرۇپ ھەر ئىككى ئۇتۇنچى تومۇنى تەرەپىدەن ئۆنەملىشتۇرىدۇ. اۇچاچتىن كۆرىڭ!

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

11 Jan, 11:31


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

06 Jan, 16:38


بىلگنكى سەن باشقىلارنىڭ گۇناھىنى سوزلەپ يۈرگەن ۋاقىتىڭ بەلكىم ئۇ بەندە ئاللاھقا يالۋۇرۇپ توۋبە قىلغان، مېھربان ئاللاھ توۋبىسىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتتۇر!

بىلگنكى سەن باشقىلارنىڭ غەيۋەت شىكايىتىنى قىلغان ۋاقىتىڭ بەلكىم ئۇ بەندىنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇستۇڭگە ئالغان ۋاقتىڭىدۇر!

بىلگنكى سەن باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئاچقان ۋاقىتىڭ
بەلكىم سىنىڭ قىيامەت كۈنى رەسۋا بولدىغانغا يول ئاچقان ۋاقتىڭىدۇر!

بىلگنكى سەن بىراۋلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇلۇغ سۆزلىگەن ۋاقىتىڭ بەلكىم سىنىڭ شۇ كۇنلەرنى ياشاشقا ئاز قالغان ۋاقتىڭىدۇر!

بىلگنكى سەن بۇ دۇنيالىق ئۇچۇن ئاخىرتىڭنى ساتقان ۋاقىتڭ بەلكىم جەھەننەمگە ئورۇن ھازىرلىغان ۋاقىتىڭدۇر!

بىلگنكى سەن باشقىلارنىڭ گۇناھىنى تارازىغا سالغان ۋاقىتىڭ بەلكىم سىنىڭ ئۇنىڭدىن بەتەر گۇناھنى ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ بولغان ۋاقتىڭىدۇر!



https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

03 Jan, 16:39


https://t.me/kelb_saglamliki



قەلىب ساغلاملىقى ھەققىدە مۇھىم دەۋەت.
مۇجاھىد ئۇستاز مۇھەممەد ...




https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

03 Jan, 16:12


ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ تەرەپلەرنىڭ بىرى - ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كۆرۈش ۋە قوبۇل قىلىشتىكى قىيىنچىلىقتۇر. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بىز ئۆز ئەيىپلىرىمىزنى كۆرۈشتىن باش تارتىمىز، گويا ئۇلار يوقتەك مۇئامىلە قىلىمىز. بۇ خىل ئۆزىنى ئالداش، ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ شەخسىي تەرەققىياتىمىزغا توسالغۇ بولىدۇ.

ھەتتا بەزىدە، ئەيىپلىرىمىز ھەققىدە باشقىلار ئەسكەرتكەندە ياكى ئۆزىمىز بايقىغان ۋاقىتلاردىمۇ، ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتىمىز. بۇ خىل ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى، بىزنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. ئېتىراپ قىلىش جاسارىتى، ئەمەلىيەتتە كۈچلۈك خاراكتېرنىڭ بەلگىسىدۇر.

تېخىمۇ ئېچىنارلىقى، بەزى ۋاقىتلاردا كەمچىلىكلىرىمىزنى تونۇپ، ئېتىراپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى تۈزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىرىشچانلىقنى كۆرسەتمەيمىز. بۇ خىل سۇسلۇق، بىزنىڭ ئۆزگىرىش ۋە ياخشىلىنىش ئىمكانىيىتىمىزنى چەكلەپ قويىدۇ. ھەقىقىي ئۆزگىرىش، پەقەت ئېتىراپ قىلىش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىزچىل ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئەڭ يامىنى، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز باشقىلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئىزدەشكە ماھىر بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان. بۇ خىل پوزىتسىيە بىزنى پاسسىپ قىلىپ، مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي يىلتىزىنى كۆرۈشتىن توسۇپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر بىر مەسىلىدە بىزنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە مەسئۇلىيىتىمىز بار.

نەتىجىدە، بىز داۋاملىق قۇرۇق باھانىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ئاقلاپ، ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈشتىن قاچىدىكەنمىز، كۈتكەن نەتىجىلەرگە ھېچقاچان ئېرىشەلمەيمىز. ھەقىقىي ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات، پەقەت بىز ئۆزىمىزنى سەمىمىي تەكشۈرۈپ، كەمچىلىكلىرىمىزنى جاسارەت بىلەن ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن روياپقا چىقىدۇ.

ئۆزگىرىشنىڭ تۇنجى قەدىمى - ئۆز-ئۆزىمىزگە سەمىمىي بولۇش. بۇ، بەلكىم قىيىن ۋە راھەتسىز تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يولىدۇر. بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تونۇپ، ئۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ھەقىقىي ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلەيمىز.


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

03 Jan, 07:28


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

28 Dec, 10:24


ئەر-ئاياللىق ھاياتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار

كۆپلىگەن ئەرلەرنىڭ ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان نۇقتىسى ئاياللىرىنىڭ ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە كۆڭلىنى قاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىدۇر.

كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان نۇقتىسى ئېرىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە قەدىرلىشى ياكى ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىدۇر.

ئەر – ئايالنىڭ ھەربىرى بىر-بىرىگە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان نەرسىنى ئۆزلۈكىدىن تەقدىم قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسە، ئەر-ئاياللىق ھاياتى كۆڭۈللۈك ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بەزى ئەرلەر ئانىسىنىڭ ئايالى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ھەرخىل تاماقلارنىڭ ئېغىزغا تېتىغۇدەك تەييارلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىلەر ئىقتىسادچان بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.

دېمەك، ئەر-ئاياللىق ھاياتى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ياخشى كۆرۈش ياكى سۆيگۈ-مۇھەببەت دېگەن ئۆزئارا كۆيۈنۈش، بىر-بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، بىر-بىرىگە ۋاپادار بولۇش، بىر-بىرىگە ئىللىق چىراي بىلەن مۇئامىلە قىلىش، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پات-پات ئىپادىلەپ تۇرۇش، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇش، بىر-بىرىگە ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئەسلىتىپ تۇرۇش، كىملىك ۋە قىممەت قاراشقا تەڭ كۆڭۈل بۆلۈش، ئايالنىڭ ئەرگە توغرا ئىشلاردا ئىتائەت قىلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى، ئەرنىڭ ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى دېمەكتۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

19 Dec, 18:12


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

19 Dec, 17:58


ئۇستاز ئەبۇ سالاھ دەۋەتلىردىن :

شام فەتھىسى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

15 Dec, 01:41


ئائىلە ئايالنىڭ گۈزەللىكى ياكى ئەرنىڭ پۇل- مېلى بىلەنلا قۇرۇلمايدۇ. ئائىلە ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز - ئارا ھۆرمەت قىلىش بىلەن قۇرۇلىدۇ.‌ يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئايالنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىپ، ئەرنىڭ كۈچى ئاجىزلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ.
شۇڭا ئەر بولسىڭىز ئائىلىدە مېھىر - مۇھەببەتلىك ياشاڭ، ئايالىڭىزغا كۆيۈنىڭ، ئۇنى خۇشال قىلىڭ. ئايال بولسىڭىز ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭ، گۇناھ بولمايدىغان بارلىق ئىشلاردا ئېرىڭىزگە بويسۇنۇڭ، ئۇنىڭغا ھەرقانداق جەھەتتىن خىيانەت قىلماڭ، ئىچ سىرلىرىڭىزنى ئېرىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىڭ، خۇشاللىقنى ياتلاردىن كۈتمەڭ. شۇندىلا ھەقىقىي سالىھە بولۇپ، خۇشال ياشىيالايسىز. سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ھالالىدىن ئەۋزەل كىشى بارمۇ؟!
جۈپتىڭىزنى قەدىرلەڭ.

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

10 Dec, 11:30


مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا سۈكۈت قىلىش: ئىشەنچتۇر.
غەزەپلەنگەندە سۈكۈت قىلىش: كۈچتۇر.
يامانلىققا يۇلۇققاندا سۈكۈت قىلىش : ھېكمەتتۇر.
مەسخىرىگە يۇلۇققاندا سۈكۈت قىلىش : بۈيۈكلۈكتۇر.
قايغۇ ۋاقتىدا سۈكۈت قىلىش : سەبىر ۋە تەۋەككۈلدۇر.
نەسىھەت قىلىنغاندا سۈكۈت قىلىش : ئەدەپتۇر.
ئەڭ ياخشىسى بولسا: سۆزلىگەن ۋاقتىڭىز ، سۈكۈت قىلغان ۋاقتىڭىزدىن ياخشى بولمىغۇچە سۆزلىمەسلىكىڭىزدۇر.


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

30 Nov, 04:51


مۇجاھىد ئۇستاز (دۇجانە) سۇھەيىل سابىت رەھمەھۇللا بىلەن سۆھبەت

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

29 Nov, 11:40


https://t.me/askary_taxwikat_1

مۇجاھىدلەرنىڭ ئەسكىري تەشۋىقات قانىلى.


ئەزا بوپ قۇيۇڭلا قېرىنداشلار.

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

26 Nov, 11:08


كىچىك ئىشلاردىن باشلاش شايتاننىڭ ئازدۇرۇش يولىدۇر.

شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغاندا ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئەڭ ئاجىز، بەك ئەھمىيەت بەرمەيدىغان،ۋە دىققەت قىلمايدىغان تەرىپىدىن باشلايدۇ. چۈنكى ئاجىز تەرەپ شەيتان ئۈچۈن بىخەتەر كىرىش ئېغىزىدۇر، ھەم ئىنساننىڭ ئىمتىھان نوقتىسىدۇر.

شەيتان ياخشى-سالىھ كىشىلەر ئۈچۈن ئىبادەت نوقتىسىدىن كىلىدۇ دە بۇ دېگەن كىچىك ئىبادەت بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىڭنى بىكا سەرىپ قىلماي چوڭ، پەرز بولغان ئىبادەتلەر بىلەن شوغۇللانغىن دەپ پىچىرلايدۇ،نەتىجىدە چوڭ ۋە ئولۇغ ئىبادەتلەرنى قىلىمەن دەپ بەزى كىچىك ئەمما ئاللاھقا يىقىنلاشتۇرىدىغان نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلمايدۇ، بۇ شەيتاننىڭ بىرىنچى غەلبىسى بولىدۇ.
ئۆمۈر ئۆتىدۇ، ئۇچوڭ ئىبادەتلەرنى قىلالمايدۇ، ئاخىرى پۇشايمان قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۈگۈننىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرىنى تۇلۇق قىلىش ئىماننىڭ غەلبىسىدۇر.

نىدا دەۋەت مەركىزى

تىلگىرام قانال ئادىرىسى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

24 Nov, 07:27


ھاياتىڭدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ئىشەنمەمسەن؟

1-يۈرەكلىك بولغىن! خاتالىقىڭنى خېجىل بولماستىن ئۈستۈڭگە ئالغىن، باشقىلارغا مالامەت قىلما!

2-ھەر ئىشقا ياخشى قارايدىغان، ياخشى تەرىپىدىن كۆرىدىغان كىشىلەردىن بولغىن! ھەر كۈنىڭنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن باشلىغىن! ھەر ئىشىڭدا ئۇنىڭغا قاتتىق ئىشەنگىن! ئۇ سېنى ئۈمىدسىز قىلمايدۇ.

3-ئۆزەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ھەم ئاخىرقى نەپىسىڭگىچە ھاياتىڭنى بېغىشلاشنى تاللىغان ئىشىڭنى تاشلىما! مۇستەھكەم تۇرغىن!

4-دۇنيادىكى بىرىنچى نىشانىڭ ئاللاھنى رازى قىلىش، ئاندىن كېيىن ئائىلەڭگە كۆڭۈل بۆلۈش، ۋە ئۇلارنى بەختلىك قىلىش بولسۇن!

5-دوستلىرىڭغا، يېقىنلىرىڭغا، مىللىتىڭگە، ۋەتىنىڭگە، ئۇلار سەندىن كۈتكەندىن ئارتۇق ياخشى ئىش قىل!

6-ئۆزەڭنى دەپ باشقىلار بىلەن مۇجادىلە قىلما! كەچۈر! باشقىلارنى ئۆتمۈشى بىلەن ئەيىبلىمە!

7-ھەر كۈنى سەن تونۇمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ياخشىلىق قىلغىن! باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ پەيزىنى سۈرگىن!

8-ئاچلىق بىلەن قەرز ئېلىپ خەجلەش ئارىسىدا تاللاشقا دۇچ كەلسەڭ ئاچلىقنى تاللا! قەرزدار بولما!

9-ئاچ قالماسلىق ۋە باشقىلارغا مۇھتاج بولماسلىق ئۈچۈن كىرىم قىلغان پۇلدىن 20 پىرسەنت ساقلاپ قالغىن!

10-ھەر ئىنسانغا نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن دوستقا مۇئامىلە قىلغاندەك گۈزەل مۇئامىلە قىلغىن!

11-سەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ياكى بىللە ياشايدىغان كىشىلەرگە ۋاپادار، قولى كەڭ، سېخى بولغىن!

12-بەخت-سائادەت مال-دۇنيا، ھوقۇق-مەنسەپكە باغلىق ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ھاياتقا بولغان قارىشىڭغا باغلىق.

13-باشقا كىشىلەرنىڭ سېنىڭ ھەققىڭدە قىلغان پىكىر-كۆز قاراشلىرىغا كۆز يۇمما! بەلكى دىققەت قىلغىن! چۈنكى ئۇلار سەن ئۆزەڭ ھەققىدە كۆرەلمىگەننى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.

14-ئاللاھنى نارازى قىلىدىغان، ئاتا-ئاناڭنى رەسۋا قىلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى ئەسلا قىلما!

15-كۆپ ئىستىغپار ئېيتقىن!

16-ئۆزەڭدىن ھەر ۋاقىت ھېساب ئېلىپ تۇرغىن،

17-قاتتىق ئاداۋەتخور بولما، ئۆزۈڭگىمۇ، ئۆزگىلەرگىمۇ ئۇۋال قىلىسەن!

نىدا دەۋەت مەركىزى



https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

22 Nov, 15:51


شۈبھە ۋە ھارامدىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە.


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

20 Nov, 16:12


پاناھلىق تېلەنگەن34 خىل بالا-قازا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن مۇسۇلمانلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك بولغان دۇئالارنى ئۈگىتىپ قويغان بولۇپ
ئۇ دۇئالارنى ھەر ۋاقىت ئوقۇش بەك مۇھىمدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باللىرىمىزغا ئۈگىتىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر.چۈنكى، بۇ دۇئالار لەپزى قىسقا مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇنىڭغا تەڭ دۇئالارنى تېپىش قىيىندۇر. ھەمدە بۇ دۇئالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام داۋاملىق قىلغان دۇئالار بولۇپ ئۇلار بىلەن دۇئا قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلىكنىڭ ساۋابى بىلەن باشقا دۇئالاردىن ئىجابەت بولۇشقا يىقىنراقدۇر.

اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ:
1. العَجْزِ (ئاجىزلىقتىن)
2. الكَسَلِ (ھورۇنلۇقتىن)
3. الجُبْنِ (قورقۇنچاقلىقتىن)
4. البُخْلِ (بېخىللىقتىن)
5. الهَرَمِ (قېرىلىقتىن)
6. القَسْوَةِ (تاش يۈرەكلىكتىن)
7. الغَفْلَةِ (غەپلەتتىن)
8. العَيْلَةِ (مۇھتاجلىقتىن)
9. الذِّلَّةِ (خارلىقتىن)
10. المَسْكَنَةِ (مىسكىنلىكتىن)
11. الفَقْرِ (نامراتلىقتىن)
12. الكُفْرِ (كۇپۇرلۇقتىن)
13. الشِّرْكِ (شېرىكتىن)
14. الشِّقَاقِ (نىپاقتىن)
15. الفُسُوقِ (پاسىقلىقتىن)
16. النِّفَاقِ (مۇناپىقلىقتىن)
17. السُّمْعَةِ (يامان نامدىن)
18. الرِّيَاءِ (رىيادىن)
19. الصَّمَمِ (گاسلىقتىن)
20. البَكَمِ (گاچىلىقتىن)
21. الجُنُونِ (ساراڭلىقتىن)
22. الجُذَامِ (ماخاۋ كېسىلىدىن)
23. البَرَصِ (ئاق كېسەلدىن)
24. سَيِّئِ الأَسْقَامِ (يامان كېسەللەردىن)
25. غَلَبَةِ الدَّيْنِ (قەرزدارلىقتىن)
26. قَهْرِ الرِّجَالِ (باشقىلارنىڭ زۇلمىدىن)
27. زَوَالِ النِّعْمَةِ (نېمەتنىڭ يوقىلىشىدىن)
28. تَحَوُّلِ العَافِيَةِ (ساغلاملىقنىڭ يوقىلىشىدىن)
29. فُجَاءَةِ النِّقْمَةِ (تۇيۇقسىز ئۆچمەنلىكتىن )
30. جَمِيعِ سَخَطِ اللهِ (ئاللاھنىڭ ھەرقانداق غەزىپىدىن)
31. جَهْدِ البَلاَءِ (بالا-قازانىڭ ئېغىرلىقىدىن)
32. دَرَكِ الشَّقَاءِ (بەخىتسىزلىكنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن)
33. سُوءِ القَضَاءِ (تەقدىرنىڭ يامانلىقىدىن)
34. شَمَاتَةِ الأَعْدَاءِ (دۈشمەنلەرنىڭ مېنىڭ ئىشىمدىن شادلىنىشىدىن)
بۇ دۇئانى كۈندىلىك ناماز-ئىبادەتلىرىمىزدە، بولۇپمۇ سەجدىدە ياكى نامازدىن كېيىنكى تەسبىھلەردە ئوقۇش مۇھىمدۇر. بۇ دۇئانى ئوقۇش ئارقىلىق بىز ئاللاھقا سېغىنىمىز ۋە ئۇنىڭ قوغدىشىنى سورايمىز.

نىدا دەۋەت مەركىزى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

20 Nov, 04:27


شەھۋىتنى يىڭەلمىگەنلەرنىڭ ئاقىۋتى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

19 Nov, 14:22


جۈپتىڭىز بىلەن كېلىشەلمەسلىك بولغاندا تۆۋەندىكى 13 تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ! ئائىلىڭىز بەختسىز، بالىلىرىڭىز يېتىم بولمايدۇ.

بىرىنچى: تالاق قىلىشنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرمەڭ ! چۈنكى، تالاق ئۆمۈرلۈك پۇشايماننىڭ دورىسىدۇر .

ئىككىنچى: ئۇرماڭ! چۈنكى، تاياق دۈشمەن ئۈچۈندۇر.

ئۈچىنچى: جۈپتىڭىزنى قارغاپ دۇئا قىلماڭ! چۈنكى، دۇئا ئىجابەتتۇر.

تۆتىنچى:ئۆتمۈشىنى تىلغا ئالماڭ، خاتالىقىنى قايتىدىن يۈزىگە سالماڭ!

بەشىنچى: بالىلىرىڭىزنى جېدەلگە ئارىلاشتۇرماڭ ! چۈنكى، ئۇلارغا چوڭ زىيانكەشلىك قىلغان بولىسىز.

ئالتىنچى: ئارىڭىزدا بولغان جېدەلنى ئاتا-ئانىڭىزغا دېيىش ئارقىلىق چوڭايتماڭ! چۈنكى، سىز ئەپۇ قىلىسىز، ئۇلار قىلالمايدۇ. سىز ئۇنتۇيسىز، ئۇلار ئۇنتۇيالمايدۇ.

يەتتىنچى: ئاچچىقىڭىز كەلگەندە، دەرھال، شۇ يەردىن ئايرىلىڭ، قارشىلاشماڭ!

سەككىزىنچى: بىر-بىرىڭىزنى ھاقارەت قىلماڭ! سەت تىللىماڭ! ئېغىز بۇزماڭ !

توققۇزىنچى : ئۆز پىكرىڭىزدە چىڭ تۇرۇۋالماڭ ! دېگىنىم دېگەن دېمەڭ! چۈنكى، ھاڭ چوڭۇپ كېتىدۇ.

ئونىنچى:ئالدىماڭ، خىيانەت قىلماڭ! چۈنكى، ئالداش ئىشەنچكە ئۇرۇلغان خەنجەردۇر.

ئون بىرىنچى: ئارتۇق مەسئۇلىيەت ئاتماڭ! ياكى، تەلەپ قىلماڭ!

ئون ئىككىنچى:مۇمكىن بولسا ھېچكىمگە دېمەڭ! ئەپۇ قىلىڭ!

ئون ئۈچىنچى، ئۆز شەخسىيتىڭىزئۈچۈن ئائىلە ۋە باللىرىڭىزنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلماڭ! يەنى ھەر ئىشتا ئۇلارنى ئويلاڭ!

نىدا دەۋەت مەركىزى



https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

19 Nov, 11:36


ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن : « بېرىشكە بۇيرۇلغان نەرسىنى كۆڭۇل ئازەدىلىكى بىلەن ( قىلچىمۇ ھەسەت قىلماستىن ) تولۇق بېرىدىغان ، كىمگە بېرىشكە بۇيرۇلسا شۇنىڭغا بېرىدىغان ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان ئامبارچى سەدىقە بەرگۇچىلەرنىڭ بىرىدۇر. »
[ بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ]



https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

17 Nov, 15:55


جەننەت ئاشىقلىرى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

17 Nov, 06:08


ئادەمنىڭ قەلبى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. بەزىدە تاشتەك قېتىپ كېتىدۇكى، مىت قىلىپ بىرتامچىمۇ ياش چىقمايدۇ. قەلىب قېتىپ كەتكەندە گۇنا مەسىئەت ئىشلار، پەرزلەرگە سەل قاراشلار، ھەقسىز ئىشلار خۇددى بىر تال چىۋىننى قورىغاندەكلا پەرۋاسىز ۋە ئاددى بىلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. قەلب قاساۋەتلىشىپ پارقىرىماس بولۇپ قالغاندا، يۇقۇندى كىرلار ھەلدەك ئورىناپ كەتكەندە قەلب كۆزى كور بولىدۇ ئىنساننىڭ...

قەلىب شۇنداق نەرسە، پاك-پاكىزە، غۇبارسىز يارىتىلغان. ئىنسان ھامان مەيلى كىچىك بولسۇن بىر گۇناھقا شىرىك بولىدىكەن قەلبىدە بىرتال قارا چىكىت پەيدا بولىدۇ، يەنە بۇ گۇناھلار داۋاملىشىدىكەن قارا چىكىتلەر ئاۋۇپ، چىقىرىش تەس بولغان كىر قەۋىتى قەلىبنى ئورىۋالىدۇ،-دە پارقىرىقى يوق بولىدۇ! ئەمەلىيەت شۇكى، پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھەممە ئىنسان غۇبارسىز پاك ئەمەس، چوقۇم گۇناھلارغا ئۇچۇرۇشۇپ ياشايدۇ. بۇ گۇناھلارنى كىر ۋە توزانلارغا ئوخشاتساق، قەۋەت قەۋەتتىن قۇنىۋەرسە قەلىب بىر نەرسىدىن تەسىرلەنمەس، ئېرىمەس بولۇشقا يۈزلىنىدۇ، بارا-بارا پارقىرىقىنى يوقىتىدۇ، ھەتتا قاغجىراپ چۈرىيدۇ، قارىدايدۇ...

بۇ گۇناھلارنى يۇيۇشنىڭ يولى، پارقىرىقىنى يوقاتقان قەلبنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ يولى دەل ئىبادەت. بەش ۋاقىت ناماز ئۇششاق گۇناھلارنى يۇيۇپ تۇرىدۇ، روزا بىر يىللىق قەلىب كىرلىرىنى تازلايدۇ. مېھرىبان اللە بىزگە شۇنداق كەڭرى پۇرسەتلەرنى بەرگەن ئىكەن، ھامان ئۆزىمىزنى رىمۇنتلىۋالىدىغان، تەرتىپكە سېلىۋالىدىغان پۇرسەتلەرنى روزا ۋە نامازدەك ئىبادەتلەر ئارقىلىق بەرگەن ئىكەن!

قەلىبتىكى كىرلەر يۇيۇلغاندا، اللە غا روھى جەھەتتىن تەسلىم بولغاندا، اللە دىن قورققاندا، اللەنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشكەندە، اللە دىن باشقا يۆلەنچۈكىمىز ۋە ياردەمچىمىز يوقلىقىنى ھېس قىلغاندا... ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كىتىدۇ كۆزلەردىن...

«ئى قەلىبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى اللە، قەلبىمنى ساڭا ئىتائەت قىلىشقا ئۆزگەرتكىن!» دەپ دۇئا قىلىشىمىز كىرەك شۇڭا ھەر زامان، ئەمەل ئىبادەتلەر بىلەن بىرگە...

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

16 Nov, 09:24


ۋادېرىخا! ھالىمىز، قىيامەتتە بام-باشقا بۇلىدۇ.

ئۆيلەر كېڭىيىۋاتىدۇ، بىراق ئۆيدە ياشايدىغان كىشىلەر ئازلاۋاتىدۇ.

مېدىتسىنا كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىراق كېسەللەر شىددەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ.

يۇقىرى ئۆرلەپ ئاي شارىغا يەتتۇق،بىراق تام قوشنىمىزدىن خەۋىرىمىز بولمايۋاتىدۇ.

مال-دۇنيا كۆپىيىۋاتىدۇ،بىراق يۈرەكتە ھۇزۇر،كۆڭۈلدە ئارام قالمايۋاتىدۇ.

ئادەملەر بىردەكلىشىۋاتىدۇ، بىراق مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ئۆلۈۋاتىدۇ.

ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى توپ ۋە ئايرىم شەكىلدە بىر-بىرى بىلەن باغلىنىدۇ،
ئەمما كۈنلەپ، ئايلاپ كۆڭۈللەر بىر-بىرىنى سېغىنمايدۇ، ئالاقە قىلىشمايدۇ.

بىلىملىكلەر ئاۋۇۋاتىدۇ، ئۇنۋانلىقلار كۆپىيىۋاتىدۇ، بىراق دانالار، يېتەكچىلەر چىقمايۋاتىدۇ.

سۈنئىي دوستلار كۆپىيىۋاتىدۇ، بىراق ھەقىقىي دوستلار قالمايۋاتىدۇ.

سائەتلەرنىڭ تۈرلىرى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ قىسلىقى جاننى سىقىۋاتىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ نوپۇسى ئېشىۋاتىدۇ،بىراق ئىنسانىيلىق، ئادىمىيلىك تۈگەۋاتىدۇ.

بوۋاقلار كۆپلەپ تۇغۇلۇۋاتىدۇ، بىراق ھەق يولىدىن ماڭمايۋاتىدۇ.

ھەممە يەردە ئىنسان ھەقلىرى، ھايۋان ھەقلىرى دەپ ئۇلۇغ داۋا قىلىنىۋاتىدۇ،
بىراق داۋاچىلار ھەممە ھەقلەرنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ.

جىھاد چاقىرىقلىرى تېرورلۇققا، رادىكاللىققا، ۋەھشىيلىككە تەبىر قىلىنىۋاتىدۇ،
ئەمما جىھادنى تاشلىغان مۇسۇلمانلار ئۆيلىرىدە، يۇرتلىرىدا، كوچىلاردا قەتلى قىلىنىۋاتىدۇ.

مەسچىتلەر بوش، كوچا-رەستىلەرگە ئادەم سىغمايۋاتىدۇ.

ئاياللاردا ياسانچۇقلۇق ئېشىپ شەرمى-ھايا تۈگەۋاتىدۇ.
يىگىتلەردە ۋىجدان ئۆلۈپ، ۋاپا يوقىلىۋاتىدۇ.

زىنا-پاھىشە ئاسانلىشىۋاتىدۇ، رەكلاملىرى ھەممە يەرنى قاپلاۋاتىدۇ، ئەمما ھالال يول بىلەن توي قىلىش قىيىنلىشىۋاتىدۇ، چىقىم ۋە سېلىقلىرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.

ياخشىلارغا جاھان دار، بۇزۇقلارغا ھەممە يار بولۇۋاتىدۇ.

ئىلىمنىڭ سەركىسى دىننىڭ ئىلمى تەرك ئېتىلىۋاتىدۇ، سەل قارىلىۋاتىدۇ، ئەمما
قورساقنىڭ ئىلمى - دۇنيانىڭ ئىلمى يىللاپ ئۆمۈرنى ئېلىۋاتىدۇ.

ئەۋلادلار پۈتۈن ئىلىملارنى ئوقۇۋاتىدۇ، مەكتەپلەرگە يۈگۈرۋاتىدۇ،
ئەمما ئوقۇش پەرز ھاياتىدا زۆرۈر بولغان تەۋھىد ئىلمىدىن خەۋەرسىز قىلىۋاتىدۇ.

ۋەز-نەسىھەتلەر، تەبلىغ-دەۋەتلەر ھەر يەردە قىلىنىۋاتىدۇ،
ئەمما ئەمەلگە، ئىش-ھەرىكەتكە، رېئاللىققا ئەكس ئەتمەيۋاتىدۇ.

زالىملار، قانخورلار، مۇستەبىتلەر ياشاۋاتىدۇ، دەۋران سۈرۈۋاتىدۇ،
مەزلۇملار، گۇناھسىزلار، ئاجىزلار ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، قان-قىساسى ھېسابسىز قېلىۋاتىدۇ.

ھەق باتىلدەك، ھەقلىق گۇناھكاردەك، يالغان راستتەك، ئىشەنچ مىكىردەك نامايان بولۇۋاتىدۇ.

ھەر يەردە قان ئېقىۋاتىدۇ، يىغا-زار، نالە-پەرياد جاھاننى قاپلاۋاتىدۇ.
ئەمما ھەر كىشى ئۆز ئىشى، دۇنيا غېمى بىلەن بولۇۋاتىدۇ.

قۇرئان-سۈننەت رەھبىرىمىز، يول باشچىمىز دېيىلىۋاتىدۇ،
ئەمما ئۇنى ئوقۇش، چۈشىنىش، ئەگىشىش قۇرۇق گەپكە ئايلىنىۋاتىدۇ.

كۈندىن كۈنگە قىيامەت كېلىۋاتىدۇ، ئالامەتلىرى بولۇۋاتىدۇ، ئىنسانلار تۇيۇقسىز ئۆلۈۋاتىدۇ،
بىراق ئۇلار بۇنى ھېس قىلالمايۋاتىدۇ، يۈرەكتىن تۇيمايۋاتىدۇ.

ھېساب، سوئال-سوراق، تارازا-مىزان ھەر تىلدا سۆزلىنىۋاتىدۇ.
قۇرئان ئوقۇشقا ۋاقىت يەتمەيۋاتىدۇ، كىنوغا سائەتلەر سەرپ بولۇۋاتىدۇ.

ھالالدىن پۇل تاپماق قىيىنلىشىۋاتىدۇ، ئەمما ھارامدىن ياشىماق ئاسانلىشىۋاتىدۇ.

كائىنات-مەخلۇقات ھەمدە پۈتۈن مەۋجۇدات ئاللاھنىڭ،
ئەمما كاپىرلار ھۆكۈم ۋە دەۋران سۈرۈۋاتىدۇ.

ھەر يەردە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىق ئىددىئالىرى داۋا قىلىنىدۇ،
ئەمما مۇسۇلمانلارنى كاپىر-تاغۇتلار ئۆز ھۆكمى بىلەن باشقۇرۇۋاتىدۇ.

گەپ مەيدانىدا ئات چاپتۇرغانلار، سەھنە بېشى بولغانلار،
ئەمەل-ھەرىكەت ۋە ئەرلىك مەيدانىدا كەم بولۇۋاتىدۇ.

تۈرلۈك ئىلىملەردە ئەۋلادلار ئوقۇۋاتىدۇ،مەكتەپلەرگە بېرىۋاتىدۇ
ئەمما قۇرئان-سۈننەت ئىلمىدە پۈتۈنلەي جاھىل قىلىۋاتىدۇ.

قىيامەت كەلگەندە ۋادېرىخا! ۋادېرىخاھالىمىز بام-باشقا بولىدۇ.

نىدا دەۋەت مەركىزى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

16 Nov, 02:26


ۋىسال ئىزدەپ سەپەر قىلدىم، مۇھاممەت رەھنىمايىمدۇر،
ئۇلۇغ قۇرئان كۈندۈز قۇياشىم، كىچەلەر كۆكتە ئايىمدۇر.
ئاللاھ يىگانىدۇر شەكسىز، مۇھامممەت ئەلچىسى بەرھەق،
دىگەن ئۇشبۇ گۈزەل سۈزلەر مىنىڭ ئالى شۇئارىمدۇر.
سۆيەرمەن ھەق ئادالەتنى ،سۆكۈپ كۇپرى جاھالەتنى،
ئۇنى ئۈلچەشكە ھەر دائىم قۇرئان، ھەدىس مىزانىمدۇر.
ماڭارغا يوللىرىم مۈشكۈل ۋە لىكىن مەنزىلىم پارلاق،
يېڭىپ مۈشكۈلنى مەنزىلگە يېتىش ۋىجدان قارارىمدۇر.
تەبەسسۇم ئەيلىسە رەببىم، ئازاد ھۆر ياشىسا خەلقىم،
پەقەت دىلخەست شۇ ئارمان بۈيۈك ئارزۇ مۇرادىمدۇر.

«ئالىمجان ئابلەت 1992>>


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

15 Nov, 17:35


غەيۋەت: بىرسىنىڭ يوق يىرىدە يامان گىپىنى قىلىش.
"شىكايەت باشقا"

نەمىيمەھ: كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۆچۈن سۆز توشۇش.

بوھتان: يولسىزلىق بىلەن بىرسى قىلمىغان ۋە ئىچىدە بولمىغان ئىشنى ئۇنىڭغا دۆڭگەش.

تۆھمەت : يالغاننى توقۇش.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ چەكلىگەن كەبىيرە "چوڭ" گۇناھلاردۇر ۋە جازاسى قاتتىقتۇر !
ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىش ئۆچۈن بۇ گۇناھلاردىن تۈبە قىلىشقا ۋە يىقىنلىرىڭىزنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئالدىراڭ.


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

15 Nov, 08:37


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

15 Nov, 03:10


#ۋەتەندىكىلەرنىڭ بۇ سوئالىغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟

ئوڭ قولىڭىز بىلەن #يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئاڭلاپ بېقىڭ!



https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

13 Nov, 08:49


https://t.me/dawatlar99

نەشدە ...قورقمايمىز

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

07 Nov, 19:12


جەننەتكە ئېرىشىشكە سەۋەپ بۇلىدىغان ئالتە خىسلەت




https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

29 Oct, 18:31


*«مەن بىلەن ھەۋزى-كەۋسەردە كۆرۈشكۈچە سەۋر قىلىڭلار!»*

ھەقىقەتەن بۇ سۆز، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ۋە كۈچلۈك تەسەللى سۆزىدۇر.

ھاياتىڭىز قىيىنچىلىقلارغا تولغاندا، ئەتراپىڭىزدىكىلەر ھارام پارىخورلۇققا بېرىلگەندە، پەيغەر ﷺ نىڭ مۇبارەك كۆزلىرى بىلەن سىزگە تىكىلىپ تۇرۇپ: «ھەۋزى-كەۋسەردە مەن بىلەن كۆرۈشكۈچە سەۋر قىلغىن» دېگەن مېھرىبان سۆزىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ.

تېنىڭىزنى كېسەللىك قاپلىغاندا، كۈچ-قۇۋۋىتىڭىز ۋە سەۋر تاقىتىڭىز تۈگىگەندە، پەيغەمبەر ﷺ نىڭ رەھمەت نۇرى چاقناپ تۇرغان چېھرى بىلەن: «ھەۋزى-كەۋسەردە مەن بىلەن كۆرۈشكۈچە سەۋر قىلغىن» دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىڭ.

ئەتراپىڭىزدىكى ئايال-قىزلار گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ياكى كېلەچەك بەختىم -توي قىلىش- شۇنىڭغا قاراشلىق دىگەن خاتا كۆز قاراش بىلەن ھىجابىنى تاشلىغاندا، ئىمانىڭىزنى مۇستەھكەم تۇتۇڭ. ۋە پەيغەمبەر ﷺ: «ھەۋزى-كەۋسەردە مەن بىلەن كۆرۈشكۈچە سەۋر قىلغىن» دېگەن ۋەدىسىنى قەلبىڭىزگە نەقىش قىلىڭ.

يېقىنلىرىڭىز، دوست- بۇرادەرلىرىڭىز زۇلۇم قىلغاندا، ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىڭىز تاشلاپ كەتكەندە، سىز توغۇرلۇق بوھتان-تۆھمەتلەر ۋە تۈرلۈك سۆز-چۆچەكلەر تارقالغاندا، پەيغەمبەر ﷺ: «ھەۋزى-كەۋسەردە مەن بىلەن كۆرۈشكۈچە سەۋر قىلغىن» دەپ تەسەللى بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىڭ.

گۇناھلار نەپسىڭىزگە چىرايلىق كۆرۈنگەندە، دۇنيانىڭ جىلۋىلىرى سىزنى دىنىڭىزدىن ئايرىماقچى بولغاندا،
بۇ ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى بىر سايە، بۇ دۇنيانىڭ مۇساپىرلار كارۋىنى ئۈچۈن قىسقا بىر توختالغۇ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

پۈتكۈل ھايات سەپىرىڭلاردا شۇ مۇقەددەس سۆز قەلبىڭلارغا كۈچ-قۇۋۋەت بەخش ئەتسۇن:
«ھەۋزى-كەۋسەردە مەن بىلەن كۆرۈشكۈچە سەۋر قىلىڭلار.»​​​​​​​​​​​​​​​​

(رسائل من النبي ﷺ)

تەرجىمىدە: ئەبۇ زۈبەيىر تەجدىدى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

23 Oct, 04:36


https://t.me/dawatlar99
گۈزەل نەشىد

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

19 Oct, 08:11


ئاللاھ بىزگە دۇئا قىلىشنى تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ : (ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار ، سىلەر شۇ ئىسىملار بىلەن دۇئا قىلىڭلار) !
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنداق دېگەن : ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى بار ، كىمىكى ئۇ ئىسىملارنى ( مەنىسى ) بىلەن ) يادېلىسا جەننەتكە كىرىدۇ .

بىز ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم - سۈپەتلىرىنى ئۆگىنەيلى ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆگىتەيلى ! دۇئا قىلغاندا ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپ دۇئا قىلايلى !



https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

17 Oct, 12:34


خوتۇن-بالا دۈشمەنلىكى.

ئىنسانغا ئەڭ يېقىن ۋە سۈيۈملۈك كىشى ئۇنىڭ جۇپتى ۋە باللىرىدۇر. ئاتا-ئانا باللىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۆزىگە ئەڭ يېقىن دەپ قارايدۇ. ئەر-خوتۇنمۇ بىر-بىرىنى ئۆزىگە شۇنداق قارايدۇ. ئەمما مۇشۇ ئەڭ يېقىن دەپ قارىغان كىشىلەر بەزى ۋاقىتلاردا بىر-بىرىگە دۈشمەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەمەلىيەتتىمۇ قارايدىغان بولساق، بەزى پاسىق ئاياللار خۇددى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىدەك دۈشمەن بىلەن سەپ تۇتۇپ ئەرلىرىگە خىيانەت قىلىدىغان، مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالىدىغان، ئائىلە سىرلىرىنى پاش قىلىدىغان، بەزەن ئەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان، ياكى ئەر-خوتۇنچىلىققا خىيانەت قىلىپ باشقا ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. يەنە بەزى ئەۋلادلار ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدىغان، ئۇلارغا قول ياندۇرىدىغان، زەررىچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، جەھەننەمنىڭ كۈنىنى ياشىتىدىغان ئەۋلادلار بار.

دېمەك، يېقىن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلىك بولىشى ناتايىن. شۇڭلاشقا ئۇلارنى دەپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ قۇرئان-سۈننەتنىڭ يولىدىن يىراقلىشىش، ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى قويۇپ قويۇش قاتارلىق ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

«يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِنَّ مِنْ أَزْوَٰجِكُمْ وَأَوْلَـٰدِكُمْ عَدُوًّا لَّكُمْ فَٱحْذَرُوهُمْ»
«ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار!»

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەت مەككىدە تۇرۇپ قالغان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار ھەققىدە نازىل بولغان. ئۇلار ئاللاھ يولىدا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشنى ئىرادە قىلغاندا، ئايال-بالىلىرى ئۇلارغا: 'سىز بىزنى بۇ يەرگە يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتەمسىز' دەپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ھىجرەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىدى.»

ئاتا ئىبنى يەسار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايەت ئەۋف ئىبنى مالىك ئەلئەشجەئى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدە نازىل بولغان. ئۇ كىشىنىڭ خوتۇن-بالىلىرى كۆپ بولۇپ، قاچانكى جىھادقا چىقماقچى بولسا خوتۇن-بالىلىرى: 'بىزنى قويۇپ قويامسىز؟ بىز سىزدىن ئايرىلىشقا چىدىمايمىز' دەپ يىغلاپ ئىچىنى ئاغرىتاتتى-دە، ئۇ كىشى بالىلىرىغا چىدىماي جىھادتىن قالاتتى.»

مۇجاھىد ئايەتتىكى «دۈشمەن» دېگەن دۈشمەنلىكنى تەپسىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئاياللار ئەرلەرنى ئۆز قېرىنداشلىرى ياكى ئاتا-ئانىلىرىغا ئۆچ قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇ كىشى ئۇلارغا بولغان سىلە-رەھىمنى ئۈزىدۇ. ياكى بەزى ئاتا-ئانىلار باللىرىنىڭ بۇزۇق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنى قاتتىق ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ توسمايدۇ، نەتىجىدە خاتاغا كۆز يۇمۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ.»

ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەلئەرەبى: «بۇ يەردىكى دۈشمەنلىك ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى دۈشمەنلىك ئەمەس، بەلكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدىكى دۈشمەنلىكتۇر. چۈنكى ئىنساننى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن توسۇشتىن چوڭراق دۈشمەنلىك يوقتۇر» دەيدۇ. دېمەك، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى قانداق سەۋەب بىلەن بولسۇن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىشتىن توسىشى ماھىيەتتە ئۇ كىشىگە دۈشمەنلىك قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

نىدا دەۋەر مەركىزى.

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

17 Oct, 07:23


پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ
ئەي ..! تىلى بىلەنلا ئىماننى دەۋا قىلغان ، قەلبىگە ئىمان كىرمىگەنلەر ...! مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار ، ئۇلارنىڭ ئەيىپ نوقسانلىرىنى كوچىلاپ يۈرمەڭلار ، كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىپ نوقسانلىرىنى كوچىلاپ يۈرىدىكەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەيپىنى ئېچىۋىتىدۇ، ئاللاھ ئەيپىنى ئېچىۋەتكەن كىشى، ئۆيىنىڭ ئىچىگە ( مۈكىۋالسىمۇ) رەسۋا بولۇپ كىتىدۇ.
رواه أبو داود وصححه الألباني 4880


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

16 Oct, 15:44


شۇنداقلا دۇنيادىكى ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە مۇھىم ساۋاقلارنى بېرىدۇ.ھەمدە قىيامەت كۈنى پۇشايمان قىلىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلۇغ دىنىمىزنى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، تۇلۇق بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر مۇسۇلماننى بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن بولىشتىن ساقلىسسۇن!!!

نىدا دەۋەت مەركىزى

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

16 Oct, 15:44


قىيامەت كۈنى قاتتىق پۇشايمان قىلىدىغان 12تۈرلۈك كىشىلەر

1. كاپىرلار ۋە مۇناپىقلار:
دەلىل: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ كۈندە زالىملار (پۇشايمان قىلىپ) قوللىرىنى چىشلەيدۇ. ئۇ: 'كاشكى مەن پەيغەمبەر بىلەن بىر يولنى تاللىغان بولسامچۇ!' دەيدۇ.» (فۇرقان سۈرىسى، 27-ئايەت)

2. ئىلىم ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلار:
دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغان كىشى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىلىم بەرگەن، لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن پايدىلانمىغان كىشىدۇر.» (تەبەرانى رىۋايەت قىلغان)

3. رىيا قىلغۇچىلار (كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلغانلار):
دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشى بار... (ئۇلارنىڭ بىرى) ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكەن، قۇرئان ئوقۇغان كىشى... ئاللاھ ئۇنىڭغا: 'سەن بۇلارنى نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟' دەپ سورايدۇ. ئۇ: 'سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەندىم ۋە ئۆگەتتىم، قۇرئان ئوقۇدۇم' دەيدۇ. ئاللاھ: 'يالغان ئېيتتىڭ، سەن كىشىلەر سېنى ئالىم دېسۇن دەپ ئىلىم ئۆگەندىڭ، قارى دېسۇن دەپ قۇرئان ئوقۇدۇڭ، شۇنداق دېيىلدى' دەيدۇ...» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

4. تەۋبە قىلماي ئۆلگەنلەر:
دەلىل: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: 'پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن. مەن تاشلاپ كەلگەن دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىم مۇمكىن' دەيدۇ. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.» (مۆئمىنۇن سۈرىسى، 99-100 ئايەتلەر)

5. دوزاخقا كىرگەنلەر:
دەلىل: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
«دوزاختىكىلەر جەننەتتىكىلەرگە: 'بىزگە ئازراق سۇ ياكى ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ئازراق بېرىڭلار' دەپ نىدا قىلىدۇ.» (ئەئراف سۈرىسى، 50-ئايەت) بۇ ئايەت دوزىخىلەرنىڭ قاتتىق پۇشايمەن ئىچىدە جەننەت ئەھلىگە يالۋۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

6. ۋاقىتنى زايە قىلغانلار:
دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى ئادەم بالىسى تۆت نەرسە ھەققىدە سوراققا تارتىلمىغۇچە قەدىمى مىدىرلىمايدۇ. ئۆمرىنى نېمىگە سەرپ قىلغانلىقى، ياشلىقىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكى، مېلىنى قەيەردىن تاپقانلىقى ۋە قەيەرگە سەرپ قىلغانلىقى، ئىلمى بىلەن قانداق ئەمەل قىلغانلىقى.» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

7.نامازنى تەرك ئەتكەنلەر:
دەلىل: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلاردىن كېيىن نامازنى زايە قىلىدىغان، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بىر ئەۋلاد كەلدى. ئۇلار گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ." (مەريەم سۈرىسى، 59-ئايەت)

8. ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلمىغانلار:
دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغان چاغدا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشىنىڭ بۇرنى تۇپراققا سۈركەلسۇن (يەنى خار بولسۇن)!» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
بۇ ھەدىس ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

9. زۇلۇم قىلغانلار:
دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمدە-كىم ئۆز قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلغان بولسا ياكى ئۇنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلغان بولسا، قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن ھالاللىق تىلىسۇن. چۈنكى ئۇ كۈندە دىنار ۋە دىرھەم بولمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولسا، زۇلۇم قىلغان مىقداردا ئېلىنىدۇ. ئەگەر ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئېلىنىپ ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

10. گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمۈپ كەتكەنلەر:
دەلىل: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ كۈندە ئىنسان قىلمىشلىرىدىن خەۋەردار قىلىنىدۇ. ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى گۇۋاھتۇر. گەرچە ئۇ ئۆزرە-باھانە كۆرسەتسىمۇ (ئۇنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ).» (قىيامەت سۈرىسى، 13-15 ئايەتلەر)

11. مال-دۇنياغا بېرىلىپ كەتكەنلەر:
دەلىل: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«سىلەرنى كۆپ مال-دۇنيا توپلاش قىزىقتۇرۇپ كەتتى. ھەتتا سىلەر قەبرىلەرنى زىيارەت قىلدىڭلار (يەنى ئۆلدۈڭلار).» (تەكاسۇر سۈرىسى، 1-2 ئايەتلەر)

12. تىلىنى تىزگىنلىمىگەنلەر:
دەلىل: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىشىنى دوزاخقا يۈزى بىلەن سۆرەپ كىرگۈزىدىغان نەرسە ئاساسەن تىلىنىڭ ئورۇنسىز سۆزلىرىدۇر.» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

بۇ دەلىللەر ۋە مىساللار بىزگە قىيامەت كۈنىدە پۇشايمان قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خىللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

16 Oct, 06:49


ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن (85) تۈرلۈك چوڭ گۇناھلارنىڭ تېزىملىكى.

بۇ گۇناھلارنى بېلىش(مۇمكىن بولسايادقا ئېلىش)مۇسۇلمان ئۈچۈن بەك مۇھىمدۇر، چۈنكى بۇ گۇناھلار چىن تۆبە قىلمىغۇچە قىلغان كىشىدىن كەچۇرۇم قىلىنمايدىغان گۇناھ بولغاچ مۇسۇلمان ئۇنىڭدىن ساقلىنىشى ناھايىتى زۆرۈردۇر.

1. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش

2. ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش

3. زىنا قىلىش

4. ھاراق ئىچىش

5. چوشقا گۆشى يېيىش

6. ئوغرىلىق قىلىش

7. يالغان گۇۋاھلىق بېرىش

8. جازانە يېيىش

9. يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش

10. ئۇرۇشتىن قېچىش

11. پاك ئايالغا تۆھمەت چاپلاش

12. سېھىر-جادۇ قىلىش

13. ئاتا-ئانىغا ئاقى بولۇش

14. يالغان سۆزلەش

15. قىمار ئويناش

16. غەيۋەت قىلىش

17. پاراخورلۇق (رۇشۋەت)

18. كىبىر قىلىش (تەكەببۇرلۇق)

19. ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش

20. قان ئىچىش

21. بۇتقا چوقۇنۇش

22. رىيا قىلىش (ساختىپەزلىك)

23. ناھەق ھۆكۈم چىقىرىش

24. پال سېلىش ۋە رەممالچىلىق

25. ئەر-ئايالغا ئايال ئەرگە خاس بولغان كىيىملەرنى كىيىش

26. ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلىش

27. مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىش

28. ئامانەتكە خىيانەت قىلىش

29. ئىسراپچىلىق قىلىش

30. ناماز ئوقۇماسلىق

31. زاكات بەرمەسلىك

32. رامىزاندا ئۆزۈرسىز روزا تۇتماسلىق

33. ھەج پەرزىنى ئادا قىلماسلىق (قۇدرىتى يەتكەنلەر ئۈچۈن)

34. جىنسىي ئازغۇنلۇق (ھومۇسېكسۇئاللىق) ئەر بىلەن ئەر كىشى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش.

35. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش

36. باشقىلارنىڭ سىرىنى پاش قىلىش

37. يالغان قەسەم قىلىش

38. ناھەق جېدەل-ماجىرا چىقىرىش

39. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن شەرئى ئۆزۈرسىز ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئالاقە ئۈزۈش

40. ئەۋرەت جايلارنى ئېچىۋېتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئەۋرىتىگە قاراش

41. رەسىم سىزىش ياكى ھەيكەل ياساش (جانلىقلارنىڭ)

42. مۇزىكا ئاڭلاش (بەزى ئالىملار بويىچە)

43. ئەرلەرنىڭ ئالتۇن تاقىشى

44. ئەرلەرنىڭ يىپەك كىيىشى

45. ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى

46. ناھەق يەردىن مال-مۈلۈك توپلاش

47. كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش

48. ئاتا-ئانىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش

49. قوشنىلارغا ئازار بېرىش

50. ئاشكارا گۇناھ قىلىش

51. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش

52. ھارام پۇل تېپىش ۋە خەجلەش

53. ئوغۇل-قىزلارنى ئۆلتۈرۈش (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك)

54. زالىملارغا ياردەم قىلىش

55. بېدئەت پەيدا قىلىش (دىندا بولمىغان نەرسىنى دىنغا كىرگۈزۈش)

56. ئايالنىڭ ئېرىگە بويسۇنماسلىقى

57. تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش

58. لەنەت ئوقۇش

59. ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش

60. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش

61. ئايال كىشىنىڭ ئارقا تەرەپگەكېلىش.

62. زۇلۇم قىلىش

63. ⁠ھەسەدخورلۇق قىلىش

64. ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بولغان ھەر قانداق نەرسىىنى مەسخىرە قىلىش.

65.ھاراق ئىچىش، سېتىش،ساقلاش،تۇشۇش قاتارلىقلار.

66. چېقىمچىلىق قىلىش،

67. خىيانەت قىلىش، بۇ نىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ شۇنىڭغا كۆرە ھۆكمى ئۆزگىرەيدۇ.

68. تۈرلۈك زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش. سېتىش قاتارلىقلار.

69. دەيۇسلۇق، يەنى ئەركىشىنىڭ خوتۇن- قىزلىرىنى ئاچا-سىڭىللىرىنى قودىماسلىق ،كۈنلىمەسلىك.

70. نامەھرەم ئايال ياكى ئەربىلەن يالغۇز بىر يەردە قىلىش

71. نامەھرەم ئەر-ئايال بىر-بىرىگە تېكىلىپ قاراش

72. نامەھرەم ئەر-ئايال زۆرۈرەتسىز دوستلۇق ۋە يىقىنلىق باھانىسى بىلەن نۇرمالسىز پاراڭ ۋە چاقچاقلىشىش

73. ئايال كىشى چاچ-كىرپىك ئۇلاش، مەڭ چەكتۇرۇش، قاش-قاپاقلارنى ياسىتىش قاتارلىق ئىشلار، بولۇپمۇ يات ئەرلەرگە گۈزەل كۆرۈنۈش ئۈچۈن بولسا.

74.قول ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىسپىرما چىقىرىش.

75. قىلغان گۇناھلاردىن پەخىرلىنىش ياكى ئاشكارە قىلىش.

76. قاراقچىلىق قىلىش.

77. ⁠ئادەت كىسىلى بولغان ئايال بىلەن جىنىسى مۇناسىۋەت قىلىش.


78. ⁠ئاللاھقا يامان گۇماندا بولۇش.

79. ⁠ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈت ئۈزۈش.


80. ⁠باشقىلارنى سۆزلىرىنى ئوغىرلىقچە يۇشۇرۇن تىڭشاش.


81. ⁠ئىسلامى ئىلىملەرنى يۇشۇرۇش.


82. ⁠چوڭ يول ۋە مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سايىسىغا تاھارەت قىلىش.

83. ⁠مۇسۇلماننى پاكىتىسىز كاپىرغا چىقىرىش.


84. ⁠ئۆزىنىڭ دادىسىدىن باشقا بىرىنى داد دەپ ئىددىئا قىلىش.


85. ⁠ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن تۇتماسلىق.


يۇقىرىدىكى گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چەكلەنگەن ئىكەنلىكىگە ئوچۇق ۋە سەھىھ دەلىل بار بولغان بولسىمۇ قىسقارتىش مەقسىتىدە كەلتۈرۈلمىدى.
ئەسكەرتىش، يۇقىرىقى گۇناھلارنىڭ بەزىسىدە چوڭ گۇناھمۇ ئەمەسمۇ دېگەن ھەقتە بەزى ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغان بولسىمۇ ئەمما چەكلەنگەنلىكىدە ئىختىلاپ بولمىغاچقا تىزىملىككە ئېلىندى.

نىدا دەۋەت مەركىزى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

15 Oct, 16:02


مۇجاھىدلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھۆرمىتى

ئىسلامنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ۋەتەننىڭ سىياسىي مۇستەقىللىقىنىڭ قوغدىلىشى، ياكى دۈشمەنلەرنىڭ ۋەتەننىڭ ئىززىتى ۋە ھۆرلۈكىگە چېقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جىھاد قىلىۋاتقان ياكى چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقان، ياكى شۇ ئىشلار سەۋەبلىك ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھۆرمىتى، ئۇنداق ئىشلار بىلەن بولماي ئۆزىنىڭ جېنىنى بېقىش ئۈچۈن ياشىغانلارغا نىسبەتەن خۇددى شۇلارنىڭ ئانىلىرى ئۆزلىرىگە ھۆرمەتلىك بولغانغا ئوخشايدۇ.

ئىنسانغا ئانىسىغا خىيانەت قىلىش، ياكى ئازار بېرىش، ئىشلىرىغا ياردەمچى بولماي تاشلاپ قويۇش ئېغىر گۇناھ بولغاندەك، مۇجاھىد ياكى شېھىتنىڭ ئاياللىرىغا خىيانەت قىلىش، ئۇلارغا ئازار بېرىش، ياكى ئۇلارنى پايدىلىنىش دەسمايىسى قىلىش، ئۇلارنىڭ ئابروي ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە داغ كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ئېغىر گۇناھتۇر.

چۈنكى، ئائىلىسىدىن خاتىرجەم بولالمىغان ھېچكىم دىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىش ۋە بەدەل تۆلەشكە ئاتلىنالمايدۇ.

بۇ ھەقتە بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«حُرْمَةُ نِساءِ المُجاهِدِينَ على القاعِدِينَ كَحُرْمَةِ أُمَّهاتِهِمْ، وما مِن رَجُلٍ مِنَ القاعِدِينَ يَخْلُفُ رَجُلًا مِنَ المُجاهِدِينَ في أهْلِهِ فَيَخُونُهُ فيهم، إلّا وُقِفَ له يَومَ القِيامَةِ، فَيَأْخُذُ مِن عَمَلِهِ ما شاءَ، فَما ظَنُّكُمْ؟ وفي روايةٍ: فَخُذْ مِن حَسَناتِهِ ما شِئْتَ، فالْتَفَتَ إلَيْنا رَسولُ اللهِ ﷺ، فقالَ: فَما ظَنُّكُمْ؟» رواه مسلم(1897).

«جىھاد قىلغۇچىلارنىڭ ئاياللىرى ئۆيدە قالغانلارغا (جىھادقا چىقمىغانلار) نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدەك ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. ئۆيدە قالغانلاردىن قايسى بىر كىشى جىھاد قىلغۇچىلاردىن بىرىنىڭ ئائىلىسىگە قاراشقا مەسئۇل بولۇپ كېيىن ئۇ ئائىلىگە خىيانەت قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا توختىتىلىدۇ. جىھاد قىلغۇچى ئۇنىڭ ئەمەللىرىدىن خالىغانچە ئالىدۇ. سىلەر بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ باشقا بىر رىۋايەتتە: "ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋەر" دېيىلىدۇ. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ﷺ بىزگە قاراپ: "سىلەر بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟" دېدى.» مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.(1897)

بۇ ھەدىس مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جىھادقا چىققان كىشىلەرنى ھەر تەرەپتىن خاتىرجەم قىلىشقا چاقىرىدۇ، ئۇلارغا ۋە ئائىلىسىگە قىلىنغان خىيانەتنىڭ باشقا ھەرقانداق كىشىگە قىلىنغان خىيانەتكە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئىگە چىقىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنداقلا ھەممە كىشى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى، چوقۇم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەر بەزىلەردىن ھۆرمەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە سەل قاراش، ياكى بىپەرۋالىق قىلىش ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئائىلىسى مۇسۇلمانلارغا ئامانەت بولۇپ ئۇنىڭغا خىيانەت قىلغان كىشى تاكى شۇ مۇجاھد رازى بولغانغا قەدەر خايىننىڭ ياخشى ئەمەللىرى ئېلىپ بىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

دېمەك، مىللەت ئومۇمىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتقان كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلمىسا ئۇنداق مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرى تەرەققىي قىلمايدۇ،-دە دۇنيادا خارلىقتىن ئاخىرەتتە ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ.

نىدا دەۋەت مەركىزى


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

14 Oct, 03:01


«ياخشىلىق يوقالمايدۇ، گۇناھ ئۇنتۇلمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆلمەيدۇ. ئەمدى خالىغىنىڭنى قىل. نېمە قىلساڭ، نەتىجىسىنى كۆرىسەن.» (ئەبۇ كلابە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان، ئىمام سۇيۇتىنىڭ «جامىئۇسسەغىر» توپلىمىدىكى3199- نومۇرلۇق ھەدىس)
15-20 يىل بۇرۇن بىر جۈمەدە بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغانىدىم. ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن ھەدىسلەرنىڭ بىرسى مۇشۇ. ھاياتتىكى رەنج-ئاداۋەت، كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى «ياخشىلىق قىلسام بىلمىدى» دېگەن بىر پوزىتسىيەدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھەدىس قىلغان ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەپتىرىدە يېزىقلىق ئىكەنلىكىنى، يوقالمايدىغانلىقىنى، مەڭگۈ ئۆلمەس رەببىمىزنىڭ ياخشىلىقلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ھامان بېرىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. گۇناھلىرىمىزنىڭمۇ ھەم شۇنداق. شۇنداق ئىكەن، ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بىرى بۇ ھەدىس بىلەن ياخشىلىقنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزى ياخشىلىق قىلغۇچىدىن ئەمەس، ئاللاھتىن كۈتۈشتەك بىر ھالەتكە ئۆتسە، بىراۋلاردىن بىر نېمە كۈتۈش كەلتۈرىدىغان كۆڭۈلسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ دىل ھۇزۇرى ئىچىدە ياشايدۇ.

دىلمۇرات ئابدۇقەييۇم.

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

09 Oct, 18:27


https://t.me/dawatlar99

https://t.me/hawar_2024

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

09 Oct, 05:34


ئىبنۇ مەسئۇدتىن( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلىندىكى ، پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : قىيامەت كۈنى ئادەم بالىسىنىڭ قەدىمى تاكى بەش نەرسە ھەققىدە سوراققا تارتىلماي تۇرۇپ پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدىن ئايرىلمايدۇ : ئۆمرىنى نىمە بىلەن تۈگەتتى ، ياشلىقىنى نىمە بىلەن قېرىتتى ، پۇل-مىلىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نىمىگە خىراجەت قىلدى ، ھەمدە ئۇ ئىرىشكەن بىلىمىگە قانداق ئەمەل قىلدى . [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 2422 . ئەلبانىي ئۇنى سەھىيھ تىرمىزىيدا ياخشى ھەدىيس دەپ تۈرگە ئايرىدى ، 1969 ]

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

04 Oct, 11:07


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

01 Oct, 07:19


توي قىلىشقا بۇيرۇش )رىغبەتلەندۈرۈش( توغرىسىدا
بۇ ئايەتلەر كەسكىن ۋە ئېنىق بولغان بىرنەچچە خىل ھۆكۈملەرنى ئۆزئىچىگە ئالدى. ﷲ تائالانىڭ: [ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار] دېگەن ئايىتى ئۆيلىنىشكە بېرىلگەن بۇيرۇقتۇر. بۇ ھەقتە ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئىبنى مەسئۇدتىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئى ياشلار گۇرۇھى! ئىچىڭلاردىكى توى قىلىشقا ئىمكانىيىتى بارلار توي قىلسۇن. چۈنكى، توي قىلىش كۆزنى (نامەھرەمگە) قاراتمايدۇ ۋە ئەۋرەتنى (زىنا قىلىشتىن) ساقلايدۇ. توي قىلىشقا ئىمكانىيىتى يوقلار روزا تۇتسۇن. چۈنكى، روزا ئۇنى تىزگىنلەيدۇ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېدى: «توي قىلىڭلار، بالا يۈزى كۆرۈڭلار ۋە نەسىل قالدۇرۇڭلار. چۈنكى قىيامەت كۈنى مەن سىلەرنىڭ (كۆپلىكىڭلار بىلەن) باشقا ئۈممەتلەرگە پەخىرلىنىمەن».
[ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ] بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئەلى ئىبنى ئەبۇتەلھە ئىبنى ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ﷲ تائالا بەندىلەرنى ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈردى. ﷲ تائالا مەيلى ھۆر، مەيلى قۇل بولسۇن ئۆيلىنىشكە بۇيرۇدى ۋە ئۇلارغا ئۇلارنى باي قىلىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە بەردى.
ئىبنى جەرىر ئىبنى مەسئۇدنىڭ: سىلەر بايلىقنى ئۆيلىنىشتىن ئىزدەڭلار. چۈنكى، ﷲ تائالا: [ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ] دېدى، دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ. بەغەۋىمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن شۇنىڭدەك سۆزنى رىۋايەت قىلدى.
مۇھەممەد ئىبنى ئەجالان ئەبۇھۇرەيرىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ﷲ تائالا ياردەم قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچ تۈرلۈك كىشى بار. ئۇلار بولسا ئىپپەتنى كۆزلەپ توي قىلغۇچى، بېرىشنى كۆزلەپ (مەلۇم مىقداردا بەرسە ھۆر بولۇپ كېتىشكە خوجايىنى بىلەن) پۈتۈشكەن قۇل ۋە ﷲ تائالانىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلغۇچىلاردۇر». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشتىنىدىن باشقا نەرسىسى يوق ۋە تويلۇق ئۈچۈن ئاددىسى تۆمۈردىن سوقۇلغان ئۈزۈكمۇ تاپالمىغان بىر كىشىنى، ئۇ شۇنداق پېقىر تۇرسىمۇ، ئۇكىشى بىلىدىغان بىر نەچچە سۈرىلەرنى ئۆگىتىپ قويۇشنى ئايالغا بېرىدىغان تويلۇقى قىلىپ ئۆيلەپ قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ھەممە كىشىلەر پېقىر بولسىمۇ ئۆيلەنگەنلەرگە ﷲ تائالانىڭ يېتەرلىك رىزىق بەرگەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئۆيلىنەلمەيدىغانلارنى ئىپپەتلىك بولۇشقا بۇيرۇش توغرىسىدا
[ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن] ﷲ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆيلىنەلمەيدىغانلارنى ئۆزلىرىنى ھارامدىن ساقلاشقا بۇيرۇدى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئى ياشلار گۇرۇھى! ئىچىڭلاردىكى توى قىلىشقا ئىمكانىيىتى بارلار توي قىلسۇن. چۈنكى، توي قىلىش كۆزنى (نامەھرەمگە) قاراتمايدۇ ۋە ئەۋرەتنى (زىنا قىلىشتىن) ساقلايدۇ. توي قىلىشقا ئىمكانىيىتى يوقلار روزا تۇتسۇن. چۈنكى، روزا ئۇنى تىزگىنلەيدۇ». بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ﷲ تائالانىڭ: [ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن] دېگەن ئايىتىنىڭ ھۆكمى ئومۇمىيدۇر. ئەمما ﷲ تائالانىڭ: [سىلەردىن مۆمىن ئاياللاردىن ئېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلار قول ئاستىدىكى مۆمىن چۆرىلەردىن ئالسۇن. ﷲ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگە قاراپ ئېلىۋېرىڭلار، ئىچكى ئەھۋالىنى ﷲ غا تاپشۇرۇڭلار). سىلەر بىر- بىرىڭلار بىلەن دىنداشسىلەر، ئۇلارنىڭ خوجىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلارنى خوتۇنلۇققا ئالساڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار، لېكىن ئۇلار ئاشكارا زىنا قىلمايدىغان، يوشۇرۇن ئاشنا تۇتمايدىغان ئەفىفە بولۇشلىرى كېرەك. ئەگەر ئۇلار ئەرگە تەگكەندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ (يەنى چۆرىلەرنى نىكاھلاپ ئېلىش)، ئاراڭلاردا زىناغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر]

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

01 Oct, 07:19


سۈرە نىسا 25 - ئايەت
دېگەن ئايىتى يۇقىرىدىكى ئايەتكە قارىغاندا خاسراقتۇر.
[سەۋر قىلالىساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر[
سۈرە نىسا 25 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى
يەنى مۆمىن چۆرىلەرنى ئالمىغىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. چۈنكى، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالا قۇل بولىدۇ.
[ئۆيلىنەلمەيدىغانلار ﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلغۇچە، ئۆزلىرىنى ئىپپەتلىك تۇتسۇن] بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىكرىمە: بۇ، ئايالنى كۆرۈپ، ئۆزىدە ئايالغا قارىتا بىر ھېس - تۇيغۇنىڭ قوزغالغانلىقىنى ھېس قىلغان كىشىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ ھالال ئايالى بولسا بېرىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى شۇنىڭ بىلەن قاندۇرسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ ئايالى بولمىسا تاكى ﷲ تائالا ئۇنى باي قىلغۇچە ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىغا قارىسۇن، دېدى.

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

01 Oct, 07:13


ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: سەۋدە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئۆزىنى تالاق قېلىۋېتىشىدىن قورقۇپ: ئى ﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! مېنى تالاق قىلمىسىلا. مەن كۈنۈمنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆتۈنۈپ بېرەي، مېنىڭ نۆۋىتىم كېلىدىغان كۈنى، سىلى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىدە بولسىلا، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت چۈشتى: [ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئىككىسى بىر نەرسىگە كېلىشسە دۇرۇس بولىدۇ.
ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: زەمئەنىڭ قىزى سەۋدە قېرىپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ نۆۋىتى كېلىدىغان كۈنىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەۋدەنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە مېنىڭ قېشىمدا بولاتتى. ئىمام بۇخارى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كىشىنىڭ ئەمرىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆپ بىر يەردە بولمايدىغان بىر قېرى ئايالى بولۇپ، ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشنى خالايتتى. ئۇ ئايال مەن توغرۇلۇق سېنىڭ خالىغىنىڭچە بولسۇن (يەنى سەن ماڭا يېقىنلاشمىساڭمۇ مەيلى، لېكىن مېنى تالاق قىلىۋەتمىگىن) دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايەت چۈشتى: [ئەگەر بىرەر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولۇشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس].
كېلىشىشنىڭ ئايرىلىپ كېتىشتىن ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
[كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى] بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئەلى ئىبنى ئەبۇتەلھە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئەر كىشى ئايالى بىلەن ئايرىلىپ كېتىش بىلەن كەتمەسلىكتە ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇلدى. ئەگەر ئەر كىشى ئايالىغا كۆڭۈلسىز بولۇپ قېلىپ باشقا بىر ئايالنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان بولسا، ئۇ ئەرنىڭ ئايالىدىن ئايرىلىپ كەتكىنى ياخشىدۇر. لېكىن ئايەتنىڭ مەنىسىدىن مۇنداق مەزمۇن چىقىدۇ: خۇددى زەمئەنىڭ قىزى سەۋدە ئۆزىنىڭ نۆۋەت كۈنىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ كەتمەي، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئاياللىرى قاتارىدا كۆرۈشىگە كېلىشكەندە، باشقا ئاياللارنىڭمۇ ئېرىنىڭ ئۈستىدىكى بەزى ھەقلىرىدىن كېچىشى ئارقىلىق ئەرنىڭ ئۇنى تالاق قىلماسلىقىغا كېلىشىشى (ئۇلار ئۈچۈن) پۈتۈنلەي ئايرىلىپ كەتكىنىدىن ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق كېلىشىشى ئۈممىتىگە شۇ ئىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتۇر. ﷲ تائالاغا (ئەر - ئايالنىڭ) يارىشىپ قېلىشى، ئاجرىشىپ كېتىشىدىن ياخشى كۆرۈلىدۇ.
[كېلىشىش (ئۈزلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى] بەلكى، ﷲ تائالا تالاقنى يامان كۆرىدۇ. [ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ﷲ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). ﷲ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر].
[قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايللىغىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر] بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، ئۇبەيدە سالمانى، مۇجاھىد، ھەسەنبەسرى ۋە زەھھاك ئىبنى موزاھىم قاتارلىقلار مۇنداق دەيدۇ: ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاياللىرىڭلار ئارىسىدا ھەممە ئىشتا باراۋەر بولالمايسىلەر، سىلەر ئاياللىرىڭلارنىڭ قېشىدا، بىر كۈنى بىر كۈندىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادىللىق قىلالساڭلارلا، كۆڭۈللىرىڭلارنىڭ مەلۇم بىرىسىگە بەكرەك مايىل بولۇشىدا (سىلەرگە) ھېچ گۇناھ يوق.
ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى، نەسەئى، ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىقلار ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئارىسىدا (يەنى كېچىدە ئۇلارنىڭ قېشىدا يېتىش ئىشلىرىدا) ئادىللىق قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئى ﷲ! بۇ مېنىڭ قىلالايدىغان ئادىل تەقسىماتىمدۇر (يەنى مەن كېچىنى بۆلۈشتە ئادىللىق قىلالايمەن). ئەمما سەن ئۆزەڭ ئىگە بولىدىغان، مەن ئىگە بولالمايدىغان ئىشتا ماڭا مالامەت قىلمىغىن»يەنى دىلىمنىڭ ئاياللىرىمدىن بىرىنى بەكرەك ياخشى كۆرۈشىگە ۋە بېرىلىپ كېتىشىگە سەن ئىگە بولىسەن، مەن ئىگە بولالمايمەن، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە بەكرەك مۇھەببەت باغلاپ قالسام، بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا مالامەت قىلمىغىن..
[شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار] بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، مۇجاھىد، سەئىد ئىبنى جۇبەير، ھەسەن، زەھھاك، رەبىيئ ئىبنى ئەنەس، سۇددى ۋە مۇقاتىل ئىبنى ھەييان قاتارلىقلار مۇنداق دەيدۇ: ئۇنى ئېرى بار

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

01 Oct, 07:13


دەكمۇ ئەمەس، (ئېرى يوق) تالاق قىلىنغان ئايالدەكمۇ ئەمەس (تاشلاپ قويماڭلار).
ئەبۇداۋۇد تايالىسى، ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كىشىنىڭ ئىككى ئايالى بولسا، ئۇ ئۇنىڭ بىرىگە بەكرەك ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بىر يېنى يوق ھالەتتە كېلىدۇ».
[ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (يەنى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، ﷲ ئەلۋەتتە (سىلەرگە) مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ] يەنى ئەگەر سىلەر ئىشلىرىڭلارنى تۈزىسەڭلار، (ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ قېشىدا كېچىدە يېتىشتا) ئادىللىق قىلساڭلار، ھەممە ئەھۋاللاردا ﷲ تائالادىن قورقساڭلار، ﷲ تائالا سىلەرنىڭ بەزى ئاياللىرىڭلارغا (دىللىڭلاردا) مايىل بولۇپ قالغانلىقىڭلارنى سىلەردىن كەچۈرۈۋېتىدۇ.
[ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ﷲ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ] ئۈچىنچى ھالەت ئايرىلىپ كېتىش ھالىتىدۇر. ﷲ تائالا بۇ ئايەتتە ئەگەر ئۇ ئىككىسى ئايرىلىپ كەتسە ﷲ تائالا ئايالغا ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىر ئەرنى بېرىش بىلەن، ئەرگىمۇ ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىر ئايالنى بېرىش بىلەن (ئۇ ئىككىسىنى) بىر - بىرىدىن بىھاجەت قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەردى [ﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر].

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

29 Sep, 18:36


https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

22 Sep, 05:08


قىيامەت ئالامەتلىرىدىن:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ( قىيامەت بۇلۇشنىڭ ئالدىدىكى ئالامەتلەردىن: سالامنى خاسلاشتۇرۇش،تىجارەتنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى،ھەتتا ئايال كىشى ئۆز ئىرىگە تىجارەتتە ياردەم بىرىدۇ.سىلە - رەھىمنى ئۈزۈش ،ئىلىم كۆتۈرلۈپ كېتىپ ھەممە ئادەم كاللىسىغا كېلىشىچە قەلەم ئوينۇتۇش،يالغانغا بىلىپ تۇرۇپ گۇۋاھلىق بىرىش، راسچىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بىرىدىغان يەرلەردە گۇۋاھلىقنى يۇشۇرۇش)

https://t.me/dawatlar99

🔊نادىر دەۋەتلەر [2]🔊

21 Sep, 05:40


ئۆتمۈشكە نەزەر